您的位置:首頁>正文

خەير

جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشغا ئەگىشىپ، تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەربولدى.

2018-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى،ئۈندىدارنىڭ يېڭىدىن بىر ئىقتىدارى كۆپەيدى.

دوختۇرخانىغا بارغاندا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى ئېلىۋالمىغان بولسىڭىز ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق!

دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەندە، ئۆچىرەتتە تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر سائەت ۋاقتىڭىزنى تېجەلەيسىز!

داۋالىنىش خىراجىتىنى ۋاقتىدا ئاتچوت قىلالايسىز! (ئۈندىداردىكى ئېلىكتورونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىدا ئىككى رەقەملىك كودنى سىكانىرلىسىڭىزلا بولىدۇ)

ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىگە بارمىسىڭىزمۇ بولىدۇ! ئۈندىداردا ئىجتىمائىي كاپالەت ھەققىنى بىۋاسىتە تاپشۇرغىلى ۋە تەپسىلاتىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ؛

مەملىكەتتىكى %80 تىن ئارتۇق شەھەرلەردە ئومۇملاشتى، يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلايدۇ.

مەشغۇلات قىلىش قولايلىق!

بىرىنچى باسقۇچ : ئۈندىدارنىڭ ئاستى ئوڭ تەرىپىدىكى « مېنىڭ پۇل قاپچۇقۇم »(我的錢包) نىڭ ئىچىدىكى «شەھەر مۇلازىمىتى» (城市服務 (نى تاللاڭ .

ئىككىنچى باسقۇچ: «ئېلىكتورونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسى»(電子社保卡)نى تاللاڭ.

ئېلىكتورونلۇق كىملىك

ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى، مەملىكىتىمىزدىكى تۇنجى ئۈندىدار كىملىك «تور كىنىشكىسى» گۇاڭجۇ ئۆلكىسىنىڭ نەنشادا تارقىتىلدى.

بۇ « ئۈندىدار كىملىكى»نى ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ بىرىنچى تەتقىقات ئورنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ، ساقچى تەرەپ «تېڭشۈن ئۈندىدار ئەترىتى»بىلەن بىرلىشىپ، گۇاڭدۇڭدا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويغان.( ئېلىكتورونلۇق كىملىك)

بۇنىڭدىن كېيىن، كىملىكىڭىزنى دائىم يېنىڭىزدا ئېلىپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، لازىم بولغاندا ئۈندىدارنى ئېچىپ، سىكانىرلىسىڭىزلا بولىدۇ.

ئېلىكتورونلۇق پىراۋا

يېقىندا، مەملىكىتىمىزدىكى نۇرغۇن قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى « ئېلىكتورونلۇق پىراۋا» خەلققە قولايلىق سىياسىتىنى يولغا قويدى. نەنجىڭ، جىنخۇا قاتارلىق شەھەرلەر 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويغان.

ئىلگىرى يېنىمىزدىن ئايرىساق بولمايدۇ دەپ قارىغان كىنىشكىلەرنى مانا ئەمدى يېنىمزدا ئېلىپ يۈرمىسەكمۇ بولىدىغان بولدى.

مەنبە: خوتەن گېزىتى ئۈندىدار سالونى

تەھرىر: ئەكبەر ئۆمەر

您同

親愛的網友您好!感謝您的關注。

如您“遭遇網路詐騙、識別網路謠言、舉報違法線索、諮詢公安業務”,

可在後臺隨時與我們聯繫。 我們現已開通5個公眾執法帳號:

今日頭條:和田網警巡查執法

百度貼吧:和田網警巡查執法

微信公眾帳號:和田網警巡查執法

你可通過關注以上公眾帳號, 向我們進行舉報諮詢。 也可將舉報資訊發送至郵箱:hetianwangjing@126.com進行舉報。

每天我們有專門值班網警線上巡查互聯網有害資訊, 肅清網路環境。 和田網警與您攜手共建安全和諧的網路環境!

同類文章
Next Article
喜欢就按个赞吧!!!
点击关闭提示